خۇاۋېي (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «بىز» دېيىلىدۇ) دۆلەتنىڭ قانۇن-نىزاملىرىغا قاتتىق رىئايە قىلىپ، قانۇن بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشنى مەھسۇلات لايىھەلەش ۋە سودا جەريانىغا بىرلەشتۈرۈپ، كەسىپ ساھەسىدىكى ئىلغار بىخەتەرلىك تېخنىكىسىنى قوللىنىپ مەلۇمات بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىز شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى ۋە مەخپىيەتلىكىڭىزنى قوغداشقا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىپ، كۆپچىلىكنىڭ مەخپىيەتلىك ھوقۇقىنى قوغداشقا كۈچ چىقىرىمىز، شۇنىڭ ئۈچۈن، بىز مەخپىيەتلىكنى قوغداشنىڭ 5 ئاساسىي پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرىمىز:
• ئەڭ كىچىكلەشتۈرۈش: سىزگە مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن، كەسىپ ئىقتىدارىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا زۆرۈر بولغان شەخسىي مەلۇماتنىلا توپلاشتا چىڭ تۇرىمىز
• مەلۇمات تېرمىنالىدا بىر تەرەپ قىلىش: ئىمكانقەدەر ئىشلەتكۈچى ئۈسكۈنىسىدە شەخسىي مەلۇماتنى بىرتەرەپ قىلىش ۋە ئانالىز قىلىشنى تاماملاشتا چىڭ تۇرىمىز
• تىزگىنلىگىلى بولىدىغان: شەخسىي مەلۇماتنى توپلىغاندا، ئىشلەتكۈچىگە ئوچۇق، ئېنىق ھالدا ئۇقتۇرىمىز ھەم مەلۇماتىنىڭ قانداق ئىشلىتىلىۋاتقانلىقىنى ھەمدە قانداق چېكىنىپ چىقىدىغانلىقىنى بىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىمىز
• سالاھىيەت قوغداش: مەخپىيەتلىكنى كۈچەيتىش تېخنىكىسى ئىشلىتىپ، مەلۇمات ئىشلەتكۈچى ئۈسكۈنىسىدىن ئايرىلغاندا، ئىشلەتكۈچى سالاھىيىتىنى يوشۇرىمىز
• مەلۇمات بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش: مۇستەھكەم مەلۇمات بىخەتەرلىكى بولسا مەخپىيەتلىك قوغداشنىڭ ئاساسى، خۇاۋېي قاتتىق دېتال، مەشغۇلات سىستېمىسى، ئەپ ھەم مۇلازىمەتنى چۆرىدىگەن ھالدا ئىزچىل مەلۇمات بىخەتەرلىك ئىقتىدارى بەرپا قىلىدۇ
| كەسىپ كۆرۈنۈشى | توپلاش مەقسىتى | شەخسىي ئۇچۇرنىڭ تۈرلىرى | توپلاش ئۇسۇلى | شەخسىي ئۇچۇر بۆلىكى |
| ئالاقىداشنى زاپاسلاش/چىقىرىش | ئالاقىداشنى كومپيۇتېرغا زاپاسلاش ياكى چىقىرىش (بۇلۇتقا يۈكلەنمەيدۇ) | ئالاقىداش ئۇچۇرى | ئەپ توپلايدۇ | ئالاقىداش ئۇچۇرى |
| سۆزلىشىش خاتىرىسىنى زاپاسلاش | سۆزلىشىش خاتىرىسىنى كومپيۇتېرغا زاپاسلاش ياكى چىقىرىش (بۇلۇتقا يۈكلەنمەيدۇ) | ئالاقە ئۇچۇرى | ئەپ توپلايدۇ | سۆزلىشىش خاتىرىسى |
| كۈنتەرتىپ ماسقەدەملەش | ئۈسكۈنە كۈنتەرتىپىنى كومپيۇتېرغا زاپاسلاپ، (بۇلۇتقا يۈكلەنمەيدۇ) | كالېندار ۋە كۈنتەرتىپ | ئەپ توپلايدۇ | كۈنتەرتىپ |
| قىسقا ئۇچۇرنى زاپاسلاش/چىقىرىش | قىسقا ئۇچۇرنى كومپيۇتېرغا زاپاسلاش ياكى چىقىرىش (بۇلۇتقا يۈكلەنمەيدۇ) | ئالاقە ئۇچۇرى | ئەپ توپلايدۇ | ئۇچۇر |
| مېدىيا ھۆججىتىنى زاپاسلاش/چىقىرىش | مېدىيا ھۆججىتىنى كومپيۇتېرغا زاپاسلاش ياكى چىقىرىش (بۇلۇتقا يۈكلەنمەيدۇ) | مېدىيا ئۇچۇرى | ئەپ توپلايدۇ | رەسىم، ئاۋاز، سىن |
| ئەپنى زاپاسلاش | ئۈسكۈنە ئەپىنى كومپيۇتېرغا زاپاسلاش (بۇلۇتقا يۈكلەنمەيدۇ) | قاچىلانغان ئەپلەرنىڭ تىزىملىكى | ئەپ توپلايدۇ | قاچىلانغان ئەپلەرنىڭ تىزىملىكى |